خەن جېڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.12.09 18:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى، سۇجوۋ سانائەت رايونى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى، تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھىرى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو-سىنگاپور (چۇڭچىڭ) ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈشۈشتە، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن يېڭى يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كېلىپ، رايون دۆلەتلىرى ئارا ھەمكارلىققا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئورتاق ياخشى پىلانلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، رايون تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-سىنگاپور يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ رۈيجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ نورمال ئالاقىسىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئارقىدىن خەن جېڭ بىلەن ۋاڭ رۈيجيې بىرلىكتە قوش تەرەپلىك تۆت ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىلگىرىلەشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مەدىتى، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ھەمكارلىقىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچى تۈرىنى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى سۆھبەتنى باشلاپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ تېزدىن ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  يىغىندىن كېيىن، خەن جېڭ بىلەن ۋاڭ رۈيجيې جۇڭگو-سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ