مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە)

2020.12.11 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ چىقارغان ئىجادىيلىق، ئومۇمىيلىق، ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە بولغان مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ ياخشى چارىسىدۇر. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات − ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش، نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى، ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۇنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، سىستېمىلىق نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىدىكى مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات نەزەرىيەسى غەرب ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى تەمىنات ئىلمىي ئېقىمىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ئۇ ھەم تەمىنلەشنى تەكىتلەپ، ھەم ئېھتىياجغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەم ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم ھازىرنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەم مەۋقەنى كەلگۈسىگە قويغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ