مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى پۇئەن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.12.11 18:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى پۇئەن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە چوڭقۇرلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن ئۈچ قېتىم تېلېفونلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە تەرەپ بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، دورا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش، نامنى بۇلغاشقا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش؛ ئىككىنچى، دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش. قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش ــ ھازىر ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، قانۇن تۈزۈملەرنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ياردەم بېرىشنى خالاش. بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى ئاستىدىكى ياخشى ماس ھەمكارلىقنى ساقلاش؛ ئۈچىنچى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، سودىنىڭ ساغلام، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرى ھەمكارلىقىدىن باشقا يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە داۋالاش، سەھىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش؛ تۆتىنچى، تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. باندۇڭ روھى يەنىلا دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ۋە كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. ھەر قانداق يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىم، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك قىلمىشى جەزمەن كىشىلەرنىڭ قەلب مايىللىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو_شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالاش.

  پۇئەن مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى يۇقۇم خىرىسى ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھىندونېزىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىلە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ