مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش لازىم

2020.12.10 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە «سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى»، «خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى»، «تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى»، «ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم «شاڭخەي روھى»غا يېڭى دەۋر مەزمۇنىنى يۈكلىدى، ھەم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

  نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گىرەلىشىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت تېز تەڭشىلىپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، كۆپ تەرەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپچىللىك، ئېچىۋېتىش بىلەن بېكىنمە ھالەت، ھەمكارلىق بىلەن قارشىلىشىش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىر قاتار مۇھىم، زور سىناقلارغا دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمى ئۆزگەرمىدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى زىچ باغلانغان، دۇنيا ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدۇر. نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىشكە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە، باراۋەر كېڭىشىشكە موھتاج. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا مۇھىم قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شاڭخەي روھى»نى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

  سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا قوللاش − ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تېببىي دورا-سەھىيە ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىققا يېڭى بوشلۇق ئاچىدۇ. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دۇنياۋى خىرىس ئالدىدا بىز «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ