مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋا بىلەن كۆرۈشتى

2020.12.09 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋا بىلەن سىندا كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا مەن لىدىر خانىم ۋە بىرقانچە ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىساد ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن 5-قېتىملىق «1+6» يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلدۈردۇق. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئەركىن سودىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، كۆپ تەرەپچىللىك ئېڭى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ ھازىرقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچى بار، بۇ، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتكە نىسبەتەن ئاسان ئەمەس. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، تىرىشىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلايمىز.

  گېئورگىيېۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلارنى ئازايتىش، تۆۋەن كاربونلۇق ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا، فوندى تەشكىلاتى بۇنىڭغا قايىل، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ