مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم

2020.12.10 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە پەيدا قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتلەر ئارا ئۆزئارا قوللاش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ ئۆرۈۋېتىپ قايتىدىن تىكلەش ئەمەس، «دۇكاننى ئايرىم قىلىش»مۇ ئەمەس، بەلكى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوغداشتۇر.

  خەلقئارا ۋەزىيەتكە ماسلىشىش لازىم. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشەلدى. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، خەلقئارا ئىشلاردا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇل بارغانسېرى ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىنسانىيەت تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلىشى، خەلقئارا قائىدىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق يېزىشى، دۇنيا ئىشلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىدارە قىلىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ماكانىنى قوغداش كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 5-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم، تېخىمۇ ئاكتىپ رايون ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.» جۇڭگو باشتىن-ئاخىر توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش داۋامىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ