مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ، تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2020.12.11 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 10-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋرگە كىرىش، يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، قۇرۇلۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ تۈزۈمنى چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى − پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشتۇر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، شەرھلەشنى كۈچەيتىش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، تاشقى تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە دۇچ كەلگەن چوڭ-چوڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ-چوڭ ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىنى تەھلىل قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى، باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نەتىجە يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ياش نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇنەۋۋەر نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، تولۇقلانغان قۇرۇلۇش مەسلىھەت بېرىش ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆز قىلدى. مەركەز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، قۇرۇلۇشقا مەسئۇل ئورۇنلار، مەركەز تەشۋىقات-مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قىسمەن قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك ئەزالىرى ۋە باش مۇتەخەسسىسلەر، يەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ