مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەت پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، مۇنۇلار تەكىتلەندى

ئۇل تەتقىقاتنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى

2020.12.08 19:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- دېكابىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، دۆلەت پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەت پەن-تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى دوكلات بەردى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇزاكىرە قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى تېز بارلىققا كەلدى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تېز تەرەققىي قىلدى، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشىنىڭ قەدىمى تېزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا چوڭ، ئەمما كۈچلۈك بولماسلىق، ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئاجىز بولۇش، بەزى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا جىددىي بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا چوقۇم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك تىرەك شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنى تېخىمۇ كۆپ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. زور ئىلمىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا، بولۇپمۇ ئىجادىي، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مالىيە مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سېلىنمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن سىجىل ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقات خىراجىتىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت تەتقىقات خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارىتا تەمىنات قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامۇۋاپىق قاتتىق ۋاقىت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماي، ئۇلارنى سوغۇققانلىق بىلەن «ئون يىلدا بىر قىلىچنى بىلەش» روھى بىلەن ئەركىن ئىزدىنىپ، كۆپ توپلاپ ئاستا قويۇپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي بايقاش ۋە ئىجاد قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ماتېماتىكا قاتارلىق ئاساسىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بازىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، ھەم ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ پەلەمپەيگە چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىلىم-پەن قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامۇۋاپىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە تۈزۈمىنى تېز تۈگىتىپ، پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى تېخىمۇ زور ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىپ، خاتىرجەم ئىش بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. نەتىجىلەرنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي ماقالىغا تايىنىپ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ئاددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات رىقابىتى مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، قابىلىيەتلىكلەرنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ياش ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىگە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتناشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئۇل تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسى بىلەن ساقلانغان پەرقنى ئوبيېكتىپ تونۇش كېرەك، نۇرغۇن جەھەتلەردە «تۈز يەرگە ئېگىز بىنا سېلىش»قا بولمايدۇ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە ماھىر بولۇپ، ئالاقىدار تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلىپ، قىلمايدىغاننى قىلماي، يۆنىلىشنى توغرا تاللاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ئىلىم-پەندە قىلچە ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىلھام بېرىپ، يەڭگىلتەكلىك ۋە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇلۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، ليۇ خې، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ