مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش لازىم

2020.12.11 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈش»، «ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى جاپالىق ئەمگەكنى شەرەپ، راھەتكە بېرىلىش، ئەمگەكتىن قېچىشنى نومۇس دەيدىغان ئەمگەك قارىشىنى تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەمگەكچان، ئەمگەك قىلىشقا ماھىر يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈش كېرەك». بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەك تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشكە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  توغرا ئەمگەك قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش لازىم. بىر ئادەم توغرا ئەمگەك قىممەت قارىشىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئەمگەكنىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ. توغرا ئەمگەك قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش − ياش ئوقۇغۇچىلارنى «ئەمگەك ئادەمنى يارىتىدۇ، قىممەت يارىتىدۇ، بايلىق يارىتىدۇ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ»، دېگەن قائىدىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ غوجايىنى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىن ئىبارەت بۇ بىنانىڭ بىر خىش-بىر خىشتىن سېلىنغانلىقىنى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئاز-ئازدىن يارىتىلغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئىجادىي ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئەمگەك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش − ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھازىرقى دەۋردە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى تېز قوللىنىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

  ياخشى ئەمگەك ئادىتى يېتىلدۈرۈش لازىم. يېڭى دەۋردە، ئەمگەك مائارىپى دۇچ كەلگەن مۇھىتتا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشى، ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان دەۋرنىڭ ئەمگەك شەكلىگە بولغان يېڭى خىرىسى بار. مۇشۇنداق بولغانسېرى، ئەمگەك تەربىيەسىنى شۇنچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەك تەربىيەسى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئەمگەك ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ