مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

جىسمانىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ «داۋالىنىش كاپالەت فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ۋە «بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2020.12.10 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا جىسمانىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ «داۋالىنىش كاپالەت فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ۋە «بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جىسمانىي سۇغۇرتا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش − خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جىسمانىي سۇغۇرتىسى مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلدى، نۆۋەتتە سودا جىسمانىي سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە مۇئەييەن قاپلاش دائىرىسىگە يەتتى، لېكىن سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. ئاممىنىڭ ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەمىناتنى ئەلالاشتۇرۇپ، مول، ئەلا سۈپەتلىك جىسمانىي سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بىرىنچى، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئېغىر كېسەللەرگە قارىتىلغان تېخىمۇ كۆپ سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا مەدەت بېرىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، تولۇقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ياشانغانلار توپىنىڭ ئېھتىياجى ۋە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى سىرتىدىكى مۇۋاپىق داۋالىنىش خىراجىتىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كۈتۈنۈش كاپالىتىنىڭ 3-تۈۋرۈكىگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاددىي، ھەق تاپشۇرۇش جانلىق، پايدىسى مۇقىم بولغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىپ، يىللىق پۇل شەكلىدە ئېلىنىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كەسىپكارلار ۋە تۈرلۈك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلايدىغان مۇۋاپىق مەھسۇلاتلارنى يارىتىش كېرەك. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىش، كۈتۈنۈش مەھەللىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىنىقىغا قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتا مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتىكى ھايانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۈلۈك-قەرز باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت تۈرىدىكى مۈلكىنى پەرقلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىسبىتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا شىركەت ئومۇمىي مۈلكىنىڭ %45 ىگە يەتكۈزۈشكە بولىدۇ، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قاتارلىق چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باغلىنىشلىق سودىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىشتەك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

  يىغىندا «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى، بەلگىلەنگەن تېببىي دورا ئاپپاراتى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بېكىتىلدى، خەلققە قولايلىق يارىتىش پىرىنسىپى بويىچە داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىپ ۋە ئاجرىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بەلگىلەندى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى، تېببىي ھۆججەتلەرنى ساختا ياساش، ئۆزگەرتىش ياكى تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتتىق مەنئى قىلىندى، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا مەبلەغنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، جەرىمانە قويۇش، نۇقتىلىق تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئېغىرلىتىپ جازالاش ئارقىلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا «بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى، مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلاردىن مۇھىت باشقۇرۇش ھېساباتى خاتىرىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، بۇلغىما چىقىرىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىندى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كۈن بويىچە ئۇدا جازالاش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزەش، تىجارەتنى توختىتىش، تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ تەننەرخنى ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ