مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزچاق، كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك ئادەم سىز ئەمەس

2020.12.10 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  9-دېكابىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، يەنە تور زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان چېڭدۇلۇق قىز ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئەپۇ سوراپ، «كۆپچىلىككە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدىم، كۆپچىلىكنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ تاشلىدىم»، دېدى. لېكىن، بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز: قىزچاق، كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك ئادەم سىز ئەمەس!

  سىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىشىڭىز كېرەك. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە سىز ناھايىتى ياخشى قىلدىڭىز، دەرھال يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرتۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ بارغان جايلىرىنى ئەينەن مەلۇم قىلدىڭىز، شۇنىڭدىن كېيىن، سىز دوختۇرخانىدا پائال داۋالىنىپ، ئايرىۋېتىلىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىڭىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىزگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك.

  ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغىنى شۇكى، سىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن توردا ئاشكارىلىنىپ كەتتى. سىز شۇ سەۋەبتىن ھاقارەتكە، مەسخىرىگە، پىتنە-ئىغۋاغا، ئەيىبلەشكە، ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچراپ، ئەسلىدىكى تىنچ تۇرمۇشىڭىز بۇزۇپ تاشلاندى. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغاندىن سىرت، ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق. يامان نىيەتتە سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىزگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  شۇڭا، كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىكى سىز ئەمەس، بەلكى تور زوراۋانلىقى ۋە پىتنە-ئىغۋا پەيدا قىلغۇچىلار. ئۇلار ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك. ئەگەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك. ھازىر سىچۈەندىكى ج خ تارماقلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان بىر ئەر تۇتۇپ تەكشۈرۈلدى، بۇ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

  تۇرمۇشتا بىز كۆپىنچە ھالدا ناتونۇش كىشىلەرگە ئەدەپلىك، تەكەللۇپ بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. لېكىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بەزى كىشىلەر «ئىشقىلىپ مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۆزىچە جىگەرلىك بولۇپ، قاراڭغۇ بۇلۇڭغا يوشۇرۇنۇپ، چېكىدىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلىدۇ، ھەتتا باشقىلارغا زەھەرخەندىلىك بىلەن جىسمانىي ھۇجۇم قىلىدۇ.

  ئەمما، ئىنتېرنېت تورى قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي ئەمەس، شۇنداقلا يامان غەرەزدىكى دەردىنى تۆكۈش مەيدانىمۇ ئەمەس. ئالاقە تورىدا ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئىپادىلىگىلى، يۈرەكلىك ھالدا يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، لېكىن قانۇن ۋە ئەخلاق چېگراسىدىن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئاممىۋى تەرتىپنى قوغداش ھەرگىزمۇ تور ۋە تور سىرتىدىكى دەپ ئايرىلمايدۇ.

  قىزچاق، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراپ، ياخشى داۋالىنىڭ. كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىكى سىز ئەمەس!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ