مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.12.10 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-دېكابىر كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا. «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش» − جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى. كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش − جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشى. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىگە تولۇق ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلسا بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ دۇنياۋى ۋە ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، ياۋروپانىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئاكتىپ سىياسەتنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزدىن تاماملاپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى ھەم رەقەملىك ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ياخشى ھەمكارلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. فىرانسىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، فىرانسىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ بالدۇرراق نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى، شۇنداقلا ۋاكسىنا، قەرزنى ئازايتىش، كېچىكتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللىغانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاممىۋى سەھىيە، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىق قاتارلىق زور دۇنياۋى ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بۇيرۇدى:

  بىرىنچى، ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم سىن شەكلىدە جۇڭگو-فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئىككىنچى، ھاياتلىق مېدىتسىناسى، بىيو سورت يېتىشتۈرۈش، ئاي شارى ۋە مارسنى تەكشۈرۈش، سۈنئىي ھەمراھ تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىمىز.

  ئۈچىنچى، پورت قىزىق لىنىيە ئالاقىسى قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق تاموژنىنىڭ تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  تۆتىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنى رايونلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق كېلىشىمى توغرىسىدا بالدۇرراق ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  بەشىنچى، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە پارىژ 2024-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئەلئىچى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئالتىنچى، «جۇڭگو-ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى»نىڭ 2021-يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. چاي، ئۈزۈم ھارىقى، پىشلاق قاتارلىق جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزئارا مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىشىنى قوللايمىز.

  يەتتىنچى، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋە دورا تەتقىقاتىنى تېزلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئادىل تەقسىملەش ھەمكارلىق تەشەببۇسى» ۋە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاكسىنىنى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ھەقىقىي ئىشلىتەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىمىز.

  سەككىزىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، بۇ يىل 12-دېكابىردىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى ۋە كېلەر يىلى 1-ئايدىكى «بىر پىلانېتا» باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى كېلەر يىللىق «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 26-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى، 7-نۆۋەتلىك دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش يىغىنىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقىرىقى مۇھىم خەلقئارا قارالمىلاردا پائال نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى دېڭىز-ئوكياننى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ