شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى.

2020.12.11 18:57 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى

  دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەن مۇسابىقىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى ماھىر ۋە كەڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ. كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى كەڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆزئارا ھۈنەر-سەنئەت ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنى زورايتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ماھارەتلىك ئىختىساسلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مۇسابىقىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

  شى جىنپىڭ

  2020-يىل 12-ئاينىڭ 10–كۈنى




  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى 10-دېكابىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە باشلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ. كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆزئارا ھۈنەر-سەنئەت ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنى زورايتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ___ جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق ياخشى مۇھىتنى پائال يارىتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى تەتقىق قىلىش ماھارىتىنى قىزغىن سۆيۈش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2020-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «يېڭى دەۋر، يېڭى ماھارەت، يېڭى ئارزۇ» باش تېما قىلىندى، 86 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى، جەمئىي 2500دىن ئارتۇق ماھىر، 2300دىن ئارتۇق رېپىر مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، تۈرى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ