مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

سۇ ئارقىلىق شەھەرنى، يەرنى، ئادەمنى، مەھسۇلاتنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش لازىم

2020.12.11 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسى» ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان، مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدۇر. ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قوغداشنى مۇھىم بىلىش، تۈزەشنى ئاساس قىلىش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناق بىرگە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانا دەريانىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ئۇرغۇتۇش لازىم. سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، سۇغا قاراپ شەھەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ئادەمنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ مەھسۇلاتنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، نوپۇس، شەھەر ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۇ مەنبەسىنى ساقلاشنى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ، سول قىرغاقنى ھەمكارلىشىپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۇ بىلەن قۇمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، شۈرمەلدىن مۇداپىئەلىنىشنى مەركەزلىك بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش، سۇ تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇ بايلىقى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەر توپىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ