مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» مېخانىزمى ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

2020.12.10 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «تۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە، بازار سۇبيېكتلىرىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماكرولۇق سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئاچقان قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى سىنلىق سۆھبەت يىغىنىدا: «سىياسەت سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەش، سىياسەت قورالىنى مۇۋاپىق تاللاش، ئىزدىنىپ چىققان تەجرىبىلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش، بۇ يىل ئۈنۈملۈك بولغان بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىقتىسادىي سىياسەتتىكى «بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» مېخانىزمى ماھىيەتتە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىدە، دۆلىتىمىز ئەمەلىي ئىقتىسادقا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشتەك پۇل سىياسىتى قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇردى. مەسىلەن، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش داۋامىدا بازار ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەشتە، نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكىلا تايانماستىن، بەلكى كارخانىلارغا قەرز بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئىناۋەت جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نىشان يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

  مەيلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن ياكى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش بولسۇن، ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغنىڭ راۋان بولۇشى، ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشى، ئەمىر-پەرمانلارنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. ھەرقايسى ساھەلەردە «بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتسەكلا، بىز چوقۇم ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا شامالغا قارشى كېمىنى ياخشى ھەيدەپ، دۆڭگە چىقىش يولىدا پۇختا مېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ شانلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ