خەن جېڭنىڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلىدۇ
2020.12.08 19:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7-دېكابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو-سىنگاپور سۇجوۋ سانائەت رايونى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو-سىنگاپور تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھىرى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى ۋە جۇڭگو-سىنگاپور (چۇڭچىڭ) ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بويىچە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سىنلىق كۆرسىتىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىقى يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ