خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دېستاننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: دېستان ئەپەندى فىرانسىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈرتكىچىسى. ئۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگو-فىرانسىيە دوستانە ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-فىرانسىيە دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ