مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى

−− «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەققىدە

2020.12.10 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2020-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ دوكلات، سۆز، سۆھبەت، نۇتۇق، يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق، تەبرىك خېتى قاتارلىق 92 پارچە ئەسەر بار. پۈتۈن كىتابتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، زور تۆھپە قوشۇش تارىخى جانلىق خاتىرىلەنگەن.

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى ئۆزئارا باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت كەڭ نەزەر نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. مۇھىم سۆزدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈن پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلدى. «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى − پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلغانلىقىنىڭ داۋامى.» يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. «ئىككى ئۇلۇغ ئىنقىلاب» مۇھىم ھۆكۈمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ