مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى ئارقىلىق مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.12.10 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئادەمدە روھ بولمىسا ئۆرە تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا كۈچلۈك بولمايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش داۋامىدا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى مەنىۋى ئابىدىسىنى تىكلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

  ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھاياتقا ھۆرمەت قىلىش، ھاياتتىن ھېيىقىشتەك مېھرىبانلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت ئىنتىلىشى بىلەن ھاياتقا ھۆرمەت قىلىش، ھاياتتىن ھېيىقىشنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. يۇقۇم ئالدىدا پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، مەيلى تۇغۇلغىنىغا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاق بولسۇن ياكى 100 نەچچە ياشلىق ياشانغانلار بولسۇن، بىز ھەربىر ھاياتلىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىدۇق. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش − جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ روشەن ئاساسى، شۇنداقلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ ئەڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش لازىم. ئىتتىپاقلىق − كۈچتۇر، جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن يۇقىرى-تۆۋەن بىر گەۋدە، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇشتەك ئىتتىپاقلىشىش روھىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى. يۇقۇم ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرىدىغان، مېھىر-مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەيدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ