مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش لازىم

2020.12.11 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نامراتلىقنى تۈگىتىش ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن غايىسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملىدۇق، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىپ، 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.

  دۇنيادا بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان دۆلەت يوق، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتى، نامراتلارنى يۆلەش باسقۇچى، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  نامراتلارنى يۆلەش سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىپ، دائىملىق ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سان-سېپىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىچكى قىسىمدا كۆزىتىش ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە نازارەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئېنىق غەملەپ، ئېنىق خەجلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ