مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك

2020.12.04 18:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۇرالغۇ ئۆي خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ، ئۆي كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەر باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەڭشەش-كونترول قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەش، بىر شەھەردە بىر تەدبىرنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆي-زېمىن پۇل مۇئامىلىسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆي-زېمىن خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىش ئورنىدا مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-زېمىننى قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادنى غىدىقلايدىغان ۋاسىتە قىلماي، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ سىياسەت قورال ساندۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، ئۆي بازىرى ۋە ئۆي كاپالىتى ئىككى سىستېمىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆي ئىجارە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي تۈزۈم ۋە قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن ئاساسىي بولمىغان كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى بىلەن يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى كۈچەيتىش، ھەم بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پائال پايدىلىنىش كېرەك. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆي بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ