مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

2020.10.22 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى − قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، ئۇ چوقۇم جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى يېڭىپ، بارلىق قۇدرەتلىك دۈشمەننى يېڭىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  70 يىل ئىلگىرى، پىدائىيلار قىسىمىنىڭ كوماندىر–جەڭچىلىرى قار–مۇز بىلەن قاپلانغان تاغ–دەريالار ئارىسىدا، ئىس–تۈتەكلەر قاپلىغان ئىستىھكاملاردا، دۈشمەننى چوقۇم يېڭىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن ئەقىل-پاراسىتى، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى ياراتتى، ئۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەھرىمان پەرزەنتى بولۇشقا مۇناسىپ، ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قەيسەر قوغدىغۇچىسى بولۇشقا، «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» دېگەن نامغا مۇناسىپ. ۋەتەننىڭ ئارقا سېپىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇردى، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئالدىنقى سەپكە، ئۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىدىغان كۈچنى شەكىللەندۈردى. ھەممە بىر نىيەتتە بولغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرەش تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.

  70 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قىممەتلىك بايلىق ۋە كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. بۈگۈن بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مىللەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشتەك مەنىۋى رىشتىسىنى كۈچەيتىپ، بارلىق جۇڭگو خەلقىنى يېڭى دەۋردە بارلىق جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، قىيىنچىلىق ئالدىدا غۇلاپ چۈشمەيدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا، يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ