مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا باشلاندى

ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.10.20 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش ___ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 19-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا باشلاندى. مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ياڭراتتى، ئارقىدىن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى − تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىي ئۇرۇش. قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش تېما كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى − ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى جانلىق نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، تىنچلىقنى قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ