مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» قاراپ چىقىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.10.19 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 16-ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ، «چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»غا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتىدا داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولدى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق، بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، كەسىپ زەنجىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇدىن ئىبارەت ئىككى مەركىزىي شەھەرنىڭ ماسلىشىپ تۈرتكە بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رايون ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنى مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش جەھەتتە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۈلگە بەرپا قىلىش لازىم. «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى يېزىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى بازار سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، غەربىي رايوننىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى ياخشى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ قوش ئايلىنىشىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز بىلەن رايوننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، چۇڭچىڭنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونى ۋە چېڭدۇنىڭ تەرەققىيات ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشتىن ئىچكى مەزمۇننى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تەكشى تەرەققىي قىلىپ، ئەتراپتىكى شەھەر، ناھىيەلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان شەھەر چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ