شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيەلەر)گە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2020.10.21 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيەلەر)گە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، نام بېرىلگەن، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر، ناھىيەلەر، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ زالىغا بارغاندا، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن نام بېرىلگەن جايلار ۋە تەقدىرلەنگەن ئورۇنلار، شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسىمىنىڭ خادىملىرى، قىسىمدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار، ئارمىيەدىن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمەت سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىنى پائال قوللاپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ ئارمىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياردەم بېرىشتە ئاكتىپ ئىشلەپ، ئېغىر تەبىئىي ئاپەت، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىش جەريانىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىل يۇقۇم ئالدىدا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، كەسكىن كۈرەشكە جاسارەت بىلەن ئاتلاندى، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، قاتناش-تىرانسپورت، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىق كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرا-ئارالدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئىلگىرىكىدەكلا ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى كېيىنكى تۇرمۇشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان، ئائىلىسىدىن غەم قىلمايدىغان، ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېمەيدىغان قىلىشى كېرەك. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە تېخىمۇ توغرا، ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى قىلىپ ۋە ئۇلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان جايى بولۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە يار-يۆلەك بولۇش، ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يوللارنى كېڭەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىش، مەكتەپ ئالمىشىش، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا پائال قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مالىيە چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ