مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە رەھبەرلىكىدە «14-بەش يىل»نى ياخشى پىلانلايلى

2020.10.22 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى، شۇنداقلا تەرەققىيات رولىنى مۇقىم تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دەل پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىز ئۇدا 13 قېتىم بەش يىللىق يىرىك پىلان (پىلان) نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش – پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنىڭ قىممەت ئىستىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا: بىز ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ مۇھىم تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى ياخشى پىلانلاپ، بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىلدىن-يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ