مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمىز

2020.10.22 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۈگۈنكى دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىغا يامرىدى، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىچىلىك باش كۆتۈردى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، زومىگەرلىك قاتارلىق ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرماقتا، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. رەئىس شى جىنپىڭ 75-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقىلىش ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر تېمىسى ئۆزگەرگىنى يوق، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.» بۇ مۇھىم ھۆكۈم تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىشەنچنى چىڭىتتى.

  ب د ت نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە تۇنجى بولۇپ «ب د ت نىزامنامىسى»غا ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تىنچلىقنىڭ قىممەتلىك، تەرەققىياتنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن، بەزىلەرنىڭ بەدىنى 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، كاللىسى يەنىلا ئۆتمۈشتە توختاپ قالدى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، تىنچسىز تىركىشىش كونا رامكىسى ئىچىدە توختاپ قالدى. تۈرلۈك مۇرەككەپ خىرىسلار ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا، تىنچ تەرەققىي قىلىشقا موھتاج. خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش − خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشنىڭ رېئال يولىدۇر.

  جۇڭگو دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشىنى، خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈشىنى، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلاپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ