مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش − دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك

2020.10.21 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نوپۇس ئەھۋالى − بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىدۇر، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش − نوپۇسنىڭ «ئاساسى»نى ئېنىقلاشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز ئالتە قېتىم نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي بولغان نوپۇس ئاساسى سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشتى. 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئېنىقلاش 10-ئاينىڭ 11-كۈنى باشلاندى، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ رەسمىي تىزىملاش باشلىنىدۇ. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن قانات يايدۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇھىم دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۈگۈندىكى بىر قېتىملىق نوپۇس ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى سىكاننېرلاش ھېسابلىنىدۇ. بۇ، نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەھۋالى، يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نوپۇس ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ سۇبيېكتى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس سانى، قۇرۇلمىسى، تارقىلىشى قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىغاندا، ئېھتىياج قۇرۇلمىسى، شەھەر-يېزا قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قوللىغىلى بولىدۇ.

  چوڭ ئىشلارنى چوقۇم ئىنچىكە قىلىش كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ھەربىر ھالقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ئومۇمىي خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقللا ئىلمىي لايىھەلەشكە، قاتتىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، ئىلمىي، قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك نوپۇس سانلىق مەلۇماتى تىرىكى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ