مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاددىي ئادەملەرمۇ ھەقىقىي قەھرىمان بولالايدۇ

2020.10.21 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  9-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە: «دۇنيادا ئاسماندىن چۈشكەن قەھرىمان يوق، پەقەت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاددىي ئادەملەرلا بار»، دەپ كۆرسەتتى. كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك تارىخىي سىناقتا، نۇرغۇن قەھرىمانلىقلارنى ياراتقىنى دەل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئاددىي ئادەملەردۇر. ھەرقايسى سەپلەردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئەزىمەتلىرى خەتەردىن قورقماي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قىيىنچىلىق ئالدىدا جان تىكىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھالقىلىق پەيتتە ئېتىلىپ چىقىپ ھاياتى ئارقىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مۇھەببىتى ئارقىلىق ھاياتلىقنى قوغدىدى. ۋەھشىي يۇقۇم ئالدىدا، ھىچكىم تۇغۇلۇپلا باتۇر بولۇپ قالمىدى، پەقەتلا قورقماس بولۇشنى تاللىدى. ئەمەلىيەت ئاددىي ئادەمنىڭمۇ ھەقىقىي قەھرىمان بولالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى يېڭىشنىڭ كۈچ مەنبەسىدۇر.» جاپا-مۇشەققەت جۇڭگو خەلقىنى سىنىدى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنى چېنىقتۇردى. بوران-چاپقۇندا قەھرىمانلار نامايان بولىدۇ. يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە، سانسىزلىغان ئاددىي ئادەملەر قەتئىيلىك بىلەن ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئاددىي گەۋدىسى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ مەردانە سۆزلىرى يوق، پەقەت ئەمەلىي ھەرىكىتىلا بار. ئۇلارنى ئارقىسىدىن تىرەپ تۇرغىنى بارلىق جۇڭگو خەلقىدۇر.

  مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خۇبېيغا ياردەمگە كەلگەن داۋالاش خادىملىرى خۇبېي ئۈچۈن جان تىكتى، ئۇلار ھەقىقىي قەھرىماندۇر؛ مىليونلىغان پىدائىيلار ۋە 1 مىليون 800 مىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمىدى، ئۇلار ھەقىقىي قەھرىماندۇر؛ بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان مەھەللە خىزمەتچىلىرى، نەچچە مىليون تېز يەتكۈزۈش خادىمى پائال كۈچ چىقىرىپ، كېچە-كۈندۈز پايپېتەك بولدى، ئۇلار ھەقىقىي قەھرىماندۇر... ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يارىتىدۇ. خەتەرلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن سانسىزلىغان ئاددىي ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدىكى يەنە بىر قەھرىمانلىق ھەرىكىتىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولغان ساداقەتمەنلىك، جاھىللىق، ئاددىي-ساددىلىقتىن ئىبارەت روشەن خىسلەتلەر خۇددى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ