لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك

2020.10.16 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىدا 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەت ھەپتىلىكىگە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى .

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى «بۇلۇت ئۈستىدە» باشلاندى، كۆپچىلىك توردا يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى يېقىندىلا بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سېزىمچان بولدى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جۇڭخۇا زېمىنىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، مىليونلىغان خەلقنىڭ تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش روھى نامايان قىلىندى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردۇق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولغان بازار سۇبيېكتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى ياراتتى. بۇ يىل يۇقۇم ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كاساتلىشىش زەربىسىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئاساسىي دىسكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك ئېشىشنى بىر قەدەر تېز ئىشقا ئاشۇردى، يۈز مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقى ئاساسىي تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سىجىل كۈچلۈك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈردى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، نۇرغۇن چوڭ كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، تېزلىكتە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش − يېڭىلاش ئارقىلىق ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ