شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2020.10.20 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش __ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىل بۇرۇن، تىنچلىقنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرت-ماكان، دۆلەتنى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي ھەل قىلغۇچ كەسكىن قارارنى چىقاردى، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى-ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا تاۋلىنىپ بارلىققا كەلگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى ناھايىتى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا جەزمەن ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، كۈرەش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كۈرەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى نۇرلاندۇرۇش باش تېمىسى زىچ چۆرىدىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ئاساسىي نۇقتا قىلىنىپ، ئۇرۇش ئاساسىي سېپى چۆرىدىلىپ، ئۇرۇش مەيدانىدىكى كۈچ سىنىشىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ مۇقەددىمە، «ھەققانىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئەسكەر چىقىرىش ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنى بەلگىلەش»، «ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى يوقىتىش، ئۇرۇش سېپىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئۇرۇش ئارقىلىق سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇش، ئۇرۇش قىلغانسېرى كۈچىيىش»، «ئۇرۇش توختىتىش، زەپەر قۇچۇپ ۋەتەنگە قايتىش»، «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تۆھپىسى»، «خاتىمە» قاتارلىق يەتتە قىسىم ئەستايىدىل لايىھەلەنگەن؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» مەخسۇس تېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان 540 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 1900 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەم نۇرغۇن ۋىدىيو، ئەمەلىي كۆرۈنۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەشنىڭ جەريانى، زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم جەڭ ۋە ئۇرۇشلار، مۇھىم تارىخىي شەخسلەر تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۈرەشلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنىڭ مول مەزمۇنى ھەم دەۋر قىممىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پىدائىيلار قىسىمىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىق، كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى روھىي ئۈستۈنلۈكى نۇقتىلىق نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمەنگە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىشتىن ئىبارەت ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقماسلىق، تىنچلىقنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ