مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يازايلى

2020.10.22 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش توختاپ قالمايدۇ. شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، شېنجېنغا نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بەردى. بۇلتۇر شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللايدىغان مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شېنجېننىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قوللاشتەك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا زور بۇرچ يۈكلىدى، شېنجېننىڭ دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىلەرنى يارىتىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى داۋاملىق قۇرۇش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن قۇرۇش كېرەك. شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەنگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى بايراققا ئايلاندى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى كۆزىتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى، شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشتىكى شەھەر ئۈلگىسى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، يېڭى دەۋر بۇرچىنى چۆرىدەپ، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان ئاساسىدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ