مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى (13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى شانلىق نەتىجىلەر-قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى)

2020.10.22 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق غوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئىجادچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى − ماركسىزملىق قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ