مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كوماندىسى 31 نومۇرلۇق چوڭ پەرق بىلەن بېيكوڭ كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

مۇسابىقىدىن بۇرۇن 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ھۆرمەت بىلدۈردى

2020.10.22 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) 21-ئۆكتەبىر داۋاملىق ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقە ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى كەچتىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 92گە قارشى 123 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن بېيكوڭ كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى 1-ئاۋغۇست كوماندىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئالاھىدە باسقۇچى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى 20-ئۆكتەبىر، 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 21-ئۆكتەبىر كەچتىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى مۇراسىمدا، 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى ئادىلجان ۋە شۇ كۈنى كەچتىكى مۇسابىقىدىكى سابىق 1-ئاۋغۇست ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھەربىيچە سالام بەردى، لى گېن، سۈن يۆ قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئايىغى ئۈستىدە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىغا رەھمەت ئېيتىدىغان خەتلەر يېزىلغان ئىدى. نەق مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان فىلىم قويۇلۇپ، CBA نىڭ ئىلگىرىكى بۇ كوزىر كوماندىغا بولغان مىننەتدارلىقى ۋە ھۆرمىتى ئىپادىلەندى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ماھىرنىڭ ئالغان نومۇرى ئىككى خانىلىق بولۇپ، بېيكوڭ كوماندىسى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ۋەيران بولدى. تۇنجى سائەتلىك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئۇدا بىر قانچە ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، جوۋچى گارنىڭ ئاستىدا بىمالال نومۇر ئېلىپ، كوماندىنى باشلاپ 16 گە قارشى 34 نومۇر بىلەن ئالدىدا ماڭدى. 2-چارەكتە، ئىككى تەرەپ ھۇجۇم قىلىش رىتىمىنى ئۆستۈردى، سۈن يۆ تولۇقلاپ مۇداپىيە كۆرۈش جەريانىدا يەرگە يىقىلىپ يارىلىنىپ، مەيداندىن ئايرىلدى، شىنجاڭ كوماندىسىدا نۇرغۇن ماھىرلار قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى، يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندا شىنجاڭ كوماندىسى 68:35 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇردى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، بېيكوڭ كوماندىسى يەنىلا ھۇجۇم قىلىش رېتىمىنى تاپالمىدى، شىنجاڭ كوماندىسى بولسا جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلىشىپ، 95:57 نەتىجە بىلەن 38 نومۇر ئۈستۈنلۈكتە تۆتىنچى چارەككە كىردى. ئەڭ ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە يېڭىش-يېڭىلىش ئېنىق بولۇپ قالغاچقا، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ياش توپچىلارنى مەيدانغا چىقاردى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 92 گە قارشى 123 نەتىجە بىلەن بېيكوڭ كوماندىسىنى يەڭدى.

  شۇ كۈنى يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە. لياۋنىڭ 110:100 نەتىجە بىلەن شەندۇڭنى يېڭىپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇدا ئىككى قېتىم غەلىبە قىلدى، لياۋنىڭ كوماندىسىدىن گو ئەيلۇن 29 نومۇر ئالدى، 16 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، 16 قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملىشىپ، شەخسىي ھاياتىدا يەككە مەيداندا ھۇجۇمغا ياردەملىشىشتە يېڭى رېكورت ياراتتى، ئۇ يەنە CBA تارىخىدىكى يەككە مەيداندا 29 نومۇر ئېلىپ، 16 قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملەشكەن ھەمدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تۇنجى توپچى بولۇپ قالدى؛

  تۇڭشى كوماندىسى 92:83 نەتىجە بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 22-ئۆكتەبىر 3-ئايلانمىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە لوڭشى بىلەن جياڭسۇ، جېجياڭ بىلەن سەنشى، بېيجىڭ بىلەن شېنجېن، شاڭخەي بىلەن سىچۈەن كوماندىلىرى مۇسابىقىلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ