مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ ئىسپاتلاش ئىشلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ زور قولايلىق يارىتىش قارار قىلىندى

2020.10.22 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ ئىسپاتلاش ئىشلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ زور قولايلىق يارىتىشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، كۆلەملىك ھالدا قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقتىن، بۇنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتى. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن 2 تىرىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى ئىچىدە، يەرلىككە چۈشۈرۈپ بېرىشكە تېگىشلىك 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەننىڭ 1 تىرىليون 570 مىليارد يۈەنى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ بېرىلىپ، يەرلىك مالىيە كۈچىنىڭ باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى نەقلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىدى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى؛ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەدەت بېرىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. كۆلەملىك ھالدا قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتى ۋە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، 9 مىليون كىشىنىڭ شەھەر، بازاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تىرەك بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى چۆرىدەپ، ماكرو سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ساقلاپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىلقى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ، دائىملاشقان مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش چارىسى ئارقىلىق مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مەبلىغىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىۋاسىتە تەقسىملەشكە بولىدىغان مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئورتاق مالىيە خىزمەت ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمى، شارائىت ھازىرلىغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ مۇكاپاتلاش-تولۇقلىما مەبلىغى قاتارلىق ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىملارنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىگە كىرگۈزۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ياردەم مەبلىغىنى تولۇق قاپلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تولۇق نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئالدىن چۈشۈرۈپ بېرىش كېرەك. جايلار مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى تەقسىملەپ ئىشلىتىشنىڭ ئىلمىيلىقى، قېلىپلىشىشى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلار ئارا سانلىق مەلۇماتتىن ئوچۇق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغنى پۈتۈن جەرياندا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش»نىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، مەبلەغدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ