مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ساناتورىيەسىدىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك

2020.10.22 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ساناتورىيەسىدىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، يۇرت-ماكان، دۆلەتنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئەزىمەتلىرى ھەم قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ياراتقان تۆھپىسىنى پارتىيە ۋە خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، سىلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ھەم دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز كۈچۈڭلارنى قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك، توختىماي كۈرەش قىلىش روھىنى گەۋدىلەندۈردىڭلار.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى − قەھرىمانلار كۆپ چىقىدىغان مىللەت، يېڭى دەۋر − قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرىدىغان دەۋر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەھرىمانلىق روھىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ساناتورىيەسى 1951-يىلى قۇرۇلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2800 دىن ئارتۇق مېيىپ ھەربىينى مەركەزلىك باققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردىن تەخمىنەن 2200 ئادەم بار. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ساناتورىيەدىكى مېيىپ ھەربىيلەر نورمال كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ، 10 مىڭ مەيدانغا يېقىن ئەنئەنە تەربىيەسى دوكلاتىنى خالىسانە سۆزلىدى، دوكلاتنى ئاڭلىغانلار 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئىجابىي ئىجتىمائىي ئىنكاس پەيدا قىلدى. 2019-يىلى، بۇ ساناتورىيە «مەملىكەتلىك ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دەپ تەقدىرلەندى. يېقىندا، بۇ ساناتورىيەدىكى پىدائىيلار قىسىمىنىڭ پېشقەدەم جەڭچىسى تۇ بويى بارلىق مېيىپ ھەربىيلەرگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ