مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.10.22 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا باشتىن-ئاخىر بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ نىشاننى كۆزلەپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولغان ھوقۇقلارنى قويۇپ بېرىشكە كۆزى قىيماسلىق، تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن ھوقۇقنى كارخانا ئىشلىتەلمەسلىك، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە بولغان تەسىراتى يۇقىرى بولماسلىق، ئالاقىدار سىياسەتلەر يۈرۈشلەشمەسلىك، تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش تەسكە توختاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ