مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە قازىنىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2020.10.19 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەتتىنچى قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سىنىقى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىشنى باشتىن ئاخىرغىچە ئەستايىدىل قىلىش، ئىش قىلىشتا ياراملىق ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىقى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بىرلىكتە بېيىش نىشانىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى كېيىنكى يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ياخشى ئىشلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار كىشىلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان رايونلاردىكى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ