مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەخىرلىنىشكە ۋە خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ غەلىبە

2020.10.22 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا: ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى − ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسىدۇر، دەپ تەكىتلىدى. بۈگۈن بىز بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنى خاتىرىلەشتە، تەرەققىيات تەپەككۇرى، يىراقنى كۆرۈش نەزىرى بىلەن تارىخنى كۆزىتىپ، رېئاللىقنى كۆزىتىپ، كەلگۈسىنى ئويلاپ، تارىختىن تېخىمۇ ياخشى تەجرىبە ۋە ئىلھام ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ ئۇرۇش يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت ھەيۋىسى ۋە ھەربىي ھەيۋىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلىدى. 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، نامرات ھەم غۇربەتچىلىكتە ئىدى، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى، پولات مەھسۇلاتى ئاران 158 مىڭ توننا بولۇپ، زامانىۋى سانائەت يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەنە شۇنداق ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا، بىز ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدا دۆلەت ھەيۋىسى ۋە ھەربىي ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

  ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بىزگە نۇرغۇن پايدىلىق ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلدى. زومىگەرلەر ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، يامانلاردىن قورقىدۇ. جۇڭگو ھەرقانداق دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلمايدۇ، لېكىن ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويمايدۇ. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۇرۇشخۇمار ئەمەس، لېكىن ھەرگىز ئۇرۇش قىلىشتىن قورقمايدۇ. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، ئادالەتلىك ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇش تارىخىدا ئاجىز دۆلەتنىڭ كۈچلۈك دۆلەتنى مەغلۇپ قىلىشى، ناچار قورال-جابدۇقلار بىلەن كۈچلۈك دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشىدەك پارلاق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى جانلىق، توغرا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك، سىياسىي ئۈستۈنلۈكنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشى، مىللىي ئۇيۇشقاقلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇجەسسەملىنىشى قاتارلىقلار. تارىخ ۋە پاكىتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىي ھەرىكەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ