مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 73-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

ئالاقىدار لايىھە ۋە تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2020.10.19 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 73-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي يىغىنغا پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار لايىھە تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يېسۈي يىغىنغا «<بازېل ئەھدىنامىسى> پۈتۈشكۈچىلەر يىغىنىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 12/14-نومۇرلۇق قارارىنىڭ <بازېل ئەھدىنامىسى> قوشۇمچە 2-ھۆججىتى، قوشۇمچە 8-ھۆججىتى ۋە قوشۇمچە 9-ھۆججىتى توغرىسىدىكى تۈزىتىلمىسى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە تەستىقلانغان قارار لايىھەسى نۇسخىسىنى ۋاكالىتەن تەييارلاش توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ