مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شانلىق سەھىپە، ئۆچمەس ئابىدە

___ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

2020.10.21 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىل ئىلگىرى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى قەتئىيلىك بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدىن كېچىپ، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى تىللاردا داستان بولغۇدەك سەلتەنەتلىك داستان يېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى يەنە بىر ئۆچمەس ئابىدە ياراتتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چەكسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى: يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن خەلق ھاكىمىيىتى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي مۇھاسىرىسى، ئىقتىسادىي قامىلى ۋە قوراللىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ئىدى، ھەم مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئىچىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشتەك دانا تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنى غەلىبىگە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ كۆلەملىك باندىتلارنى يوقىتىش كۈرىشى، يەر ئىسلاھاتى، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، يېڭى خەلق ھاكىمىيىتىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملىدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چەكسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ