مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 24-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

2020.10.19 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا 24-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار. بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا جەزمەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن جاۋاب ئىزدىشىمىز كېرەك. كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، باشلامچى قەدەمنى ياخشى تاشلىشىمىز كېرەك.

  چىڭخۇا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۆ چىكۈن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك ئالغا بېسىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ ساھەسىگە ئايلاندى. كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، دۇنيا كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ھالىتىنى چۈشىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش مەقسەت قىلىنغان.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىۋانت مېخانىكىسى ئىنسانلارنىڭ مىكرو دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجە. كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتى مۇھىم، زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە، ئۇ ئەنئەنىۋى تېخنىكا سىستېمىسىغا قارىتا زەربە ھاسىل قىلىدىغان، قايتا قۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كىۋانت پەن-تېخنىكىسىدا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن-تېخنىكىسى ساھەسىدە پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىدا ئاز بولمىغان كەمتۈكلۈكلەر ساقلانماقتا، ئۇنىڭ تەرەققىياتى كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىز جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارا خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى سەپ تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كىۋانت خەۋەرلىشىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى خەلقئارا رىقابىتىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى ساقلاپ، ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۇزاق دەۋرىيلىك مۇھىم، زور تۈرلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش داۋامىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى ۋە كۆپ تېخنىكا ساھەسىدە توپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن – تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ سىستېمىلاشقان ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسەت مەدىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كىۋانت پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كىۋانت پەن-تېخنىكىسى ساھەسىگە بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك، كارخانا، جەمئىيەتنى سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كىۋانت پەن-تېخنىكىسى ئاساسىي تەتقىقاتىغا بولغان سېلىنمىسىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ