مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «مۇكەممەلچىلىك»كە ئەمدى بولدى بەس

2020.10.16 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ھەممە ئائىلىگە تۇتىشىش» يوللىرىنى يۈزدە يۈز قاتۇرۇش لازىم، ئەرزىيەتتە يۈزدە يۈز رازى قىلىش لازىم، ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەيكەلتىراشلىقىنى يۈزدە يۈز ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم... ئۇنداق بولمايدىكەن، «بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىنىدۇ». يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئاساسىي قاتلامدا ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاتالمىش ھەممە ئىشنى «يۈز پىرسەنت تاماملاش»، «يۈز پىرسەنت ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش» مودا بولۇۋېتىپتۇ. قارىماققا ناھايىتى يارقىن كۆرۈنىدىغان بۇ بۇيرۇقلار ئەمەلىيەتتە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بېسىپ، نەپەس ئالدۇرمايدىغان ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا.

  كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىش، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش − بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل خىزمەت پوزىتسىيەسى؛ قاتتىق تەلەپ قويۇشمۇ تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنى. لېكىن، «يۈزدە يۈز بولۇش»، «نۆل بولۇش» قاتارلىق مۇتلەق تەلەپنى ئاساسىي قاتلامدا قالايمىقان ئىشلىتىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەنە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا ۋەزىپىكەشلىك قىلىپ، ئاسانلا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىدىغان روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ.

  قارىماققا «مۇكەممەل»، ئەمما ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باھالاش، قوماندانلىق قىلىش تايىقى بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش − بىيۇروكراتلىقنىڭ ئىپادىسى. بەزى تارماقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمايدۇ، ئەھۋالنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئاساسىي قاتلامغا قارىتا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئىلمىي بولمىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، جانلىق بولمىغان تەلەپلەر كۈلكىگە قالىدۇ.

  قارىماققا «مۇكەممەل»، ئەمما ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باھالاش، قوماندانلىق قىلىش تايىقى بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش يەنە شەكىلۋازلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. مەسىلەن، بەزى جايلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە بارلىق كەنتلەردىن «ھەممە ئائىلىگە تۇتىشىش يۈزدە يۈز بولۇش»، ئەرزىيەت خىزمىتىدە «يۈزدە يۈز رازى قىلىش»نى تەلەپ قىلىدۇ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق بولۇش ياكى سەزگۈر ھوقۇق-مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاسان، بەزىلىرىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تايىنىپلا ياخشى بېجىرگىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ساختىپەزلىك قىلىپ، ئىشقا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. يۇقىرىدىكىلەر «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسە»، تۆۋەندىكىلەر «بىردەملىك شامال چىقىرىش»قا مەجبۇر بولىدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «مۇكەممەلچىلىك» ئاساسىي قاتلامنى «شەكىلۋازلىق» قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

  خىزمەت باھالاش، نىشانلىق باشقۇرۇش __ ئورگان خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئىستىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدا ھەم تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش كېرەك، ھەم ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىيەتكە لايىقلىشىش، پەرىقلىق بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى كۆپرەك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كۆپرەك بولۇش، كادىرلارنى ئاساسلىق زېھنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بەزى تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا ئۆز خىزمىتىنىڭ «يۈكسەك ياخشى»، «مۇكەممەل» بولۇشىنى قوغلىشىشىغا ئەمدى بولدى بەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ