مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.10.13 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 12-چېسلا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى ۋە خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن فۇجۇدا ئېچىلدى. مەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق ھاللىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم بۇرچىدۇر. ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ. بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە، «ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىن ئىبارەت نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى تاماملىشىمىزغا ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ