مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.10.13 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتىشتى.

  شى جىنپىڭ بىلەن سال تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن سېنېگال مۇنبەرنىڭ جۇڭگو ۋە ئافرىقا تەرەپنىڭ ئورتاق رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھىم ھەم ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە پەيتنى تەبرىكلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن سال مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو-ئافرىقا كوللېكتىپ سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم، جانلىق سۇپا ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىغا ئايلاندى، شۇنداقلا جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ بىر مۇھىم بايرىقىدۇر. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، مۇنبەرنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ. 2018-يىللىق مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ