مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق بىلەن ھەقىقىي بىرلىشىش لازىم (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

___ «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەن سۆزنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك

2020.10.13 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ: «سوتسىيالىستىك جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئىلتىپاتىمۇ ئەمەس، بەلكى كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئەمگىكى، ئەقىل-پاراسىتى، جاسارىتى بىلەن ئىشلەپ بارلىققا كەلتۈرگەن!» دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگونىڭ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتالىشىنىڭ تۈپ نېگىزى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىدە. جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئىشىنىشى، ئۇنى ھىمايە قىلىشى، ھۆرمەت قىلىشىنىڭ تۈپ نېگىزى دەل پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەننى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇنتۇپ قالماي، خەلق بىلەن ھەقىقىي بىرلەشكەنلىكىدە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنىڭ مەيدانى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان كۆرۈنەرلىك بەلگىسى». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنى − تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىسلىسىز جاپالىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

  كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ مانا بۇ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان تۈپ پەرقى. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دە: «ئىلگىرىكى بارلىق ھەرىكەتلەر ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان ھەرىكەتلەردۇر. پىرولېتارىياتنىڭ ھەرىكىتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان مۇستەقىل ھەرىكەت» دەپ جاكارلىغان ئىدى. پارتىيەمىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلدى. «كىم ئۈچۈن» دېگەننى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز، پۇقرالارنىڭ قەلبىنى قەلب قىلىشتا چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ