مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.10.10 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى» ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ گۇاڭدوڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى بىر قىسىم جايلاردا خەلقئارا ئاۋىياتىسيە تىرانسپورتىغا ئالاقىدار باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي نىشانىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ يىلدىن بۇيان جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، ئالدىنقى سەككىز ئايدا شەھەر-بازارلاردا 7 مىليون 810 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازارلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش 2-ئايدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن تەدرىجىي تۆۋەنلىدى. لېكىن نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش يەنىلا ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

  بىرىنچى، بازار سۇبيېكتىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەربىگە ئۇچراش چوڭ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولغان ئوتتۇرا، مىكرو كارخانىلار، قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بازارلاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۈزلۈكسىز ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ساھەسى ۋە يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، بېلىق تۇتۇشقا قايتۇرۇلغان بېلىقچىلار ۋە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ