خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 14-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابونتلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابونتلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ