شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ياش كادىرلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.10.12 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ ھەمىشە مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، ئىسلاھاتنى تۇتۇشىنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلالايدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈزبەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ناھايىتى مۇھىم تەجرىبە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تاشقى مۇھىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق پەيدا بولدى. كېلەر يىلى بىز «14-بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپ خىللىشىدۇ، بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. دۆلىتىمىز داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ