مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى − بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە كۈچەيتىش

2020.10.09 18:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل 5-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى دەل بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ۋە ئاشۇرۇشتۇر.

  بازار سۇبيېكتىنى قوغداپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بازار سۇبيېكتلىرى − ئېلىمىز ئىقتىسادىي پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلەر، تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ». بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنى قوغداشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە بىۋاسىتە ئارىلاشماسلىقى كېرەك، لېكىن، تاسادىپىي زور ئاپەت ياكى ئاممىۋى ۋەقەلەر ئالدىدا زۆرۈر سىياسەت چىقىرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.

  ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى يەنىمۇ ئۆزگىرىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئادىللىقنى پىرىنسىپ قىلغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «جانلاندۇرۇش» بىلەن «ياخشى باشقۇرۇش»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ